كاھن: پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ يېڭى نىشانى ئافرىقا
2009-03-04
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فۇندى تەشكىلاتى IMFنىڭ باشلىقى دومىنىكو سترائۇس كاھن، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ نامرات دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان ئېغىر تەسىرىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى سەگەك بولۇشقا چاقىردى.
دومىنىكو سترائۇس كاھن، «يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئۈچىنچى دولقۇنى خۇسۇسەن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە زەربە بېرىدۇ، شۇڭا كرىزىسنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ۋەيران قىلغۇچ تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتلەر جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىشى لازىم» دېدى.