ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا
2009-03-04
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان بۇ يىل ئىكىسپورت قىلماقچى بولغان 24 مىليارد كۈب مېتىر تەبىئىي گاز ئۈچۈن تۇركىيە، يۇنانىستان ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەزەربەيجاننىڭ سانائەت ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ناتىق ئالىيىۋ ئىتالىيىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالفرىدو مانتىكا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، شاھدېڭىز نېفىت قاتلىمىنىڭ ئىككىنچى قۇدۇقىدىن چىقىرىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق يۇنانىستان بىلەن ئىتالىيىگە سېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ سودا ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ناتىق ئالىيىۋ، ئەزەربەيجاننىڭ بۇ يىل 24 مىليارد كۈب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ناتىق ئالىيىۋ، ئىتالىيە مۇۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، گاز مەسىلىسىگە دائىر باكۈدىكى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئىتالىيە باش مىنىستىرلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىرى: مىركامىل كاشىغەرىي