ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يۈرۈپ كەتتى
2009-03-03
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يۈرۈپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، گوردون بروۋن، باراك ئوباما بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى ۋە ئافغانىستان مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
بروۋن، يانۋار ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىدىن بۇيان ئوباما بىلەن كۆرۈشكەن ياۋروپالىق تۇنجى رەھبەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، بروۋن يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل – مۇئامىلە كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا ھەمكارلىق مەسىلىسىدە ئوباماغا بېسىم ئىشلىتىدىكەن.
گوردون بروۋن، يەنە زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئى. ئەمىن