ۋېرھېگىن: ياۋروپا ئەللىرى، تۈركىيىگە كونكېرت يول كۆرسىتىپ بېرەلمىدى
2009-03-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇنتېر ۋېرھېگېن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىنىڭ تۈركىيىگە ئېنىق يول كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
گۇنتېر ۋېرھېگېن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە سەلبىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ۋېرھېگېن گېرمانىيىدىكى مەلۇم بىر خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر - بىرىگە زىت باياناتلىرىنىڭ تۈركلەر ئارىسىدا >ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تۈركىيىگە نىسبەتەن سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكى› ھەققىدە ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىغان ۋېرھېگېن، ئېنېرگىيە ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتىن تۈركىيىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋېرھېگېن، تۈركىيىگە ئېنىق پىكىر بىلدۈرۈلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇندىغىنىدا، بىزمۇ تۈركىيىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىققا قۇبۇل قىلىشقا تەييارمىز.»
مەسئۇل مۇھەررىرى: ئا.مۇھەممەد