تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 02.03.2009
2009-03-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيىدىكى ھەر قايسى گېزىتلەر، تۈركىيىدە 29 – مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلاملارغا دائىر خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
ھۆررىيەت گېزىتى، سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىنى مەيدانلاردا كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلىش ئۈچۈن ئۈستى ئوچۇق مەيدانلارنى تاللىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا يىغىن زاللىرىدا كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلغانلىقىنى ۋە رەھبەرلەرنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ھۆررىيەت گېزىتى، « خەلقئارا ئاخبارات ساھەلىرىدە تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامستېردامدا چۈشۈپ كەتكەن تۈرك ھاۋا يوللىرىغا ئائىت ئايروپىلاندىن ئېغىر يارىلانماستىنلا قۇتۇلۇپ قالغان 3 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تەرىپىدىن ۋەقەدىن كېيىنلا تارتىۋېلىنغان رەسىملەرنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ رەسىملەرنىڭ مەزكۇر ۋەقەنىڭ دەھشەتلىك مەنزىرىسىنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گېزىت، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلۈپ – تىرىلگەن يولۇچىلار ھېس قىلغان ۋەھىمىنىڭ چىرايىدىن بىلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
زامان گېزىتىمۇ، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنىڭ پارىژدا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تۇنجى بولۇپ چارشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ۋەتەن گېزىتى بولسا، تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ ئامستېردامدىكى شىپول ئايرودرومىغا ئالدى تەرەپتىن قونغان چوڭ بىر ئايروپىلاننىڭ ھاۋا ئېقىمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز – قاراشنىڭ بارغانسېرى توغرا دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ستار گېزىتى، گوللاندىيىنىڭ، تۈرك ھاۋا يوللىرىغا ئائىت ئايروپىلاننىڭ ئالدىنقى ئايروپىلاندىن 2 مىنۇت كېيىن قونۇشقا بۇيرۇق بېرىلگەنلىكى ۋە بىردىنلا سۈرئىتى ئادەتتىن تاشقىرى ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى يازدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى لىدىرى دىمىترىس خرىستوفياسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇچرىشىشلاردا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مەھمەت ئەلى تالات بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە چۈشىنىش ھاسىل قىلالمىغان مەسىلىلەر تەپسىلى خەتىرىلەنگەن بىر ھۆججەتنىڭ رۇم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.
گېزىت، رۇم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ھۆججەتنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ساباھ گېزىتى، مەزكۇر ھۆججەتكە كۆرە، ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئخىتىلاپى بارلىقىنى، رۇملار تەرىپىدىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تەسىر كۈچلۈك بولمىغان بىر فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى يازدى.
گېزىت، رۇملارنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ۋە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسىنىڭ مەخپى ئاۋاز بىلەن سايلىنىشى توغرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بولسا، تۈركىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغانغا قەدەر، تۈركىيە بىلەن يۇنانىستان (گرىتسىيە) غا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتى، رۇملارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ھۆججەتكە كۆرە، ھەر ئىككى تەرەپ چۈشىنىش ھاسىل قىلغان مەسىلىلەر ئارىسىدا «گراژدانلىق» مەسىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ساباھ گېزىتى، تۈركىيىنىڭ دىياباقىر ۋىلايىتىنىڭ ئەگىل ناھىيىسىغا يېقىن بىر جايدا 1800 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا نېفىت دېڭىزى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرنى «تۈركىيىنىڭ كىچىك تەكساس شەھرى» دېگەن تېما ئاستىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان گېزىت، بايقالغان نېفىت مىقتارىنىڭ 26 ۋارىل، نېفىت زاپىسىنىڭ بولسا 16 مىليۇن ۋارىل ئىكەنلىكىنى يازدى ۋە مول مىقتاردا ئالتۇن زاپىسى بايقالغان دىيارباقىرنىڭ تۈركىيىنىڭ نېفىت ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، تۈركىيىمۇ ئورتاق ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان ۋە كەلگۈسىنىڭمۇ ئورتاق كۈرەشچى ئايروپىلانى دەپ ئاتالغان F-35 تىپلىق ئايروپىلانغا قىزىقىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانىنىڭ كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
F-35 تىپلىق ئايروپىلانلاردىن يېقىندا فىنلاندىيە ۋە بېلگىيە ئالاماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېزىت، پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىن باشقا ئىسپانىيە، يۇنانىستان ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئالماقچى بولغانلىقىنى يازدى.
F-35 تىپلىق ئايروپىلانلار، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، دانىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
ساباھ گېزىتى، دۇنياغا داڭلىق Coca Cola شىركىتىنىڭ تۈركىيىنى مەزكۇر شىركەتنىڭ خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرنى « Coca Cola مەخپى رېتسىپتا كېلىدۇ» دېگەن تېما ئاستىدا ئانالىز قىلغان گېزىت، شىركەتنىڭ 93 دۆلەت قاراشلىق تۈركىيىنى تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تاييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، تۈركىيىنىڭ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئانا ۋەتىنى كېنىيىگە ئادەتتىن تاشقىرى ئېكسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېزىت، كىنىيىگە بۇلتۇر 233 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ پايتەخت نەيروبىغا قاتناش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇك مۇھەررىر: ئى. ئەمىن