ۋىنگىرىيىنىڭ 180 مىليارد ياۋرولۇق قۇتقۇزۇش پىلانى تەستىقلانمىدى
2009-03-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋېنگىرىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقى ياۋرۇپا ئۈچۈن تەلەپ قىلغان 180 مىليارد يورۇلۇق قۇتقۇزۇش پىلانىنى تەستىقلىمىدى.
ئىقتىسادىي كىرىزىسنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بېريۇسسېلدە جىددىي ئۇيۇشتۇرغان ئالى دەرىجىلىكلەر يېغىنى ئاخىرلاشتى.
ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا 180 مىليارد يورۇلۇق قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى ۋېنگرىيىنىڭ باش مىنىستىرى فىرىنچ گيورجسانى، ياۋروپادا باي بىلەن كەمبىغەللەر ئارىسىدا يېڭىدىن بىر تۆمۈر پەردە ھاسىل بولۇپ قالماسلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولدى.
ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە بازىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىلماسلىقى ۋە ياخشى قوغدىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.