تۈركىيە – ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى
2009-03-03
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركلەرنىڭ ئافرىقا قىتئەسى بىلەن تونۇشىشى 860- يىلى مىسىردا قۇرغان تولۇن ئوغۇللىرى دۆلىتى بىلەن باشلانغان ئىدى. ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دەۋرلىرى ھېسابلىنىدىغان 17- ئەسىردە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە، تۇنىس ۋە لىۋىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنى ئىدارە قىلغان ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىپ تۇرغان. لېكىن تارىختا تۈركلەرنىڭ ئومۇمەن ئافرىقا، بولۇپمۇ ئافرىقىنىڭ نېگىرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى بىلەن ئارىلىق قويۇپ، مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. بىراق ئاتاتۈرك ۋە سەپداشلىرىنىڭ 1919 بىلەن 1922- يىللىرى ئارىسىدا ئىمپېرىئالىست دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىشى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئافرىقا خەلقلىرىنى خوشاللىققا چۈمدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئافرىقىدىكى تۇنجى ئەلچىخانا 1926- يىلى ئېپوپىيە (قەدىمقى نامى ھەبەشىستان) دە ئېچىلغان ئىدى. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 1960- يىللاردىن باشلاپ ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر مۇستەقىللىككە ئېرىشتى. لېكىن بۇ مەزگىللەردە زامانىۋىلىشىش ۋە سانائەتلىشىش باسقۇچىنى بېسىپ بولالمىغان تۈركىيە، كەمبەغەل ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ كەتكۈدەك ئەھۋالدا ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە غەرب لاگېرى تەرەپتە تۇرغان تۈركىيە بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىدىكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى سېپىدىن ئورۇن ئالغان مۇستەقىل ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بەلگىلىك سەۋىيىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىشىمۇ ئىمكانسىز ئىدى. تۈركىيە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە ياۋروپالىق مۇستەملىكىچى ئىمپېرىئالىست ئەللەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بىر دۆلەت ئىدى، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيىگە قىزىقىشلىرىمۇ زور ئىدى.
1989- يىلى شەرق لاگېرىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن، دۇنيانىڭ يۆنىلىشى يېڭىدىن شەكىللىنىشكە باشلىدى، تۈركىيە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق باسقۇچلىرىنى بېسىپ بولدى ۋە دۇنيانىڭ 17- چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن ئىبارەت غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيىنى چەتكە قېقىشى، تۈركىيىنى دىپلوماتىيە سىياسىتىدە يېڭى پۇرسەت نۇقتىلىرىغا يۈزلىنىشكە ۋە يېڭى ئىستىراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى. 1998- يىلى تەييارلانغان «ئافرىقىغا يۈزلىنىش ھەرىكىتى پىلانى» ۋە 2000- يىلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمائىل جەمنىڭ شىمالىي ئافرىقا زىيارىتى بۇ ئىستىراتېگىينىڭ مەھسۇلى ئىدى.
2002- يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا قىتئەسىگە قارىتىلغان ئالاھىدە قىزىقىشنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن ھالدا داۋاملاشتۇردى.
تۈركىيە 2004- يىلى ئافرىقا ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسى بولدى، 2005- يىلى تۈركىيە ئافرىقا يىلى، ئېلان قىلىندى. باش مىنىستىر تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2005- يىلى مارت ئېيىدىكى ئېپوپىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا، بىر يىل كېيىن، يەنى 2006- يىلى مارت ئېيىدىكى سۇدان زىيارەتلىرى، تۈركىيىنىڭ ئافرىقىغا قارىتا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. ئافرىقا ئىتتىپاقى تەشكىلاتى، 2008- يىلى يانۋار ئېيىدا چاقىرغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، تۈركىيىنى ئافرىقىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك شېرىكى، دەپ ئېلان قىلدى. 2008- يىلى مايدا تۈركىيە، ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئەزاسى بولدى ۋە 2008- يىلى 18- ئاۋغۇستتىن 20 - ئاۋغۇستقىچە ئىستانبۇلدا ئافرىقا ئىتتىپاقى تەشكىلاتى - تۈركىيە ھەمكارلىقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىنغا ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتتىن 50 دۆلەت ئىشتىراك قىلدى.
تۈركىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىقى ئۈچۈن 2008- يىلى 17- ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇشتا 50 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ تۈركىيىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ئەسلىدە بىر رېكورت. بۇ قىزىقىش ۋە بۇ كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، ئۆتمۈشتە تۈركلەرنىڭ ئافرىقا خەلقىگە ئىمپېرىئالىستلارچە مۇئامىلە قىلمىغانلىقى ئىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ پاك - پاكىزە ئىدى.
تۈركىيىنىڭ 2007- يىلىدىكى ئافرىقا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلغان ماللىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 5.9 مىليارد دوللاردىن 2008- يىلىدىكى 9.1 مىليارد دوللارغا ئۆرلىدى. تۈركىيىنىڭ ئافرىقىدا 12 ئەلچىخانىسى بار. 2010- يىلىغىچە يەنە 15 يېڭى ئەلچىخانىنىڭ ئېچىلىشى پىلانماقتا. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئافرىقىدىكى تېخنىكىلىق ۋە ئىنسانپەرۋەر ياردەملىرى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئېلىنماقتا. تۈركىيە، ھازىرمۇ ئافرىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەككىز گۇرۇپپىسىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى خىزمەتچى خادىملار بىلەنمۇ تەمىنلىمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرە نۇقتىلىرىنىڭ 60% ى ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. بولۇپمۇ، 2009 ۋە 2010- يىللىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان تۈركىيىنىڭ، ئافرىقىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ شەرقىي ئافرىقا سەھراسىدىكى ئىككى مۇھىم دۆلەت كېنىيە ۋە تانزانىيىنى 20- فېۋرالدىن 23- فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا زىيارەت قىلىشى تۈركىيىنىڭ ئافرىقا سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. تۈركىيىنىڭ تەخمىنەن ئاتمىش يىللىق ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيىگە ھېلىغىچە ئىشىكلىرىنى ئاچماسلىقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىراق ۋە كورد (كۈرت) سىياسىتى تۈپەيلى تۈركىيە بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى ئېلىپ بېرىشى، چەتكە قاقىدىغان پوزىتسىيىلىرى تۈركىيىنى يېڭى نۇقتىلارغا بۇرىدى. رۇسىيىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي شېرىكىگە ئايلىنىشى، ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتلەر ۋە جۇڭگو بىلەن قويۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زىيارەتلەر غەربنىڭ تۈركىيىنى چەتكە قېقىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. مۇھەممەد