ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئافغانىستانغا 4 مىڭ 700 كىشىلىك قوشۇن ئاەۋەتىدىكەن
2009-03-03
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئافغانىستانغا 4 مىڭ 700 كىشىلىك قوشۇن ئاەۋەتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ پىلانلىق دىژورنىلىق پائالىيىتى دائىرىسىدە ئافغانىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى باھار ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشكە باشلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە ئافغانىستاندا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 38 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار ئىكەن.
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئۆتكەن ئاي ئافغانىستانغا 17 مىڭ كىشىلىك تايانچ قوشۇن ئەۋەتىلىشى تورىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغانىدى.
نۆۋەتتە، ئافغانىستاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئى. ئەمىن