ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولىدۇ
2009-03-03
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، مىسىردا چاقىرىلغان «غەززەگە ياردەم» يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ھىلارى كلىنتون ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن ، غەززەدىكى ئىنسانلىق تېراگىدىيىسىدىن باشقا، ھاماس بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قايسى خىل يولنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيىگە ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن كەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ھىلارى كلىنتون، بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە كۆپرەك ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«غەززەگە ياردەم» يىغىنى جەريانىدا مىسىر جۇمھۇر رەئىسى ھۆسنى مۇبارەك قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھىلارى كلىنتون، ئىسرائىلىيە دائىرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ، «غەززەگە ياردەم» يىغىنىغا بولغان قارىشىنىمۇ تىلغا ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ھىلارى كلىنتون، بۈگۈن ئىسرائىلىيە جۇمھۇر رەئىسى شىمون پېرېس ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تزىپى لىۋنى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن، چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ئۆتۈپ، رھماللاھتا پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە باش مىنىستىر سالام فەيياد بىلەن كۆرۈشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن