ھىلارى كلىنتون: ئىسرالىيىدە مەيلى قايسى ھۆكۈمەت قۇرۇلسۇن ئامېرىكا قەتئىي قوللايدۇ
2009-03-03
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، ئامېرىكىنىڭ ئىسرالىيىدە مەيلى قايسى ھۆكۈمەت قۇرۇلىشىدىن قەتئىينەزەر قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
غەززەگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيىشدە زىيارەتتە بولغان ھىلارى كلىنتون، جۇمھۇر رەئىسى شىمون پېرېس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە ئورتاق قىممەت ئۆلچىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈلمىنىڭ ناھايىتى ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھىلارى كىلىنتون، ئىسرائىلىيىگە راكېتا بومبىلىرى ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىسرائىلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتسا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە جۇمھۇر رەئىسى شىمون پېرېسمۇ، غەززەدىن راكېتا بومبىلىرى ئارقىلىق پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ھاماسقا قارشى چارە – تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھلارى كلىنتون بىلەن پېرېس ئۇچرىشىشىغا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى مىتچېلمۇ ئىشتىراك قىلدى.
چۈشتىن كېيىن باش مىنىستىر ئەھۇد ئولمەرت بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىۋنى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىغان ھىلارى كلىنتون، ئەتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدا زىيارەتتە بولىدىكەن، ھەمدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئى. ئەمىن