خەلقئارا جەمئىيەت غەززگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە مىسىردا بىر يەرگە جەم بولدى
2009-03-03
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمىدىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت غەززگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە مىسىردا بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىر ئەلى باباجاننىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە غەززەگە يەنە 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بانكىموننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 80 دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلغان، بىراق ھاماس ئىشتىراك قىلغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالمىغان.
تۈركىيىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئەلى باباجان مۇنداق دېدى، « ھازىر دەل پەلەستىنلىكلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان پەيت».
باباجاننىڭ ئېيتىشىچە، تۈرك خەلقى تەرىپىدىن توپلانغان 43 مىليون ئامېرىكا دوللىرى غەززەنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا، غەززەگە تەخمىنەن 4 يېرم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىنىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.
لېكىن، يىغىلغان ئىئانىلەرنىڭ غەززەگە قايسى خىل شەكىلدە يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىشى ھازىرچە قىيىن مەسىلە ئىكەن.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، ئىئانىلەرنىڭ دەل جايىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن پەلەستىن ھاكىمىيىتى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيىنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېلىشى ۋە مىسىر تەرەپنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ غەززەگە يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەن.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن غەززەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، كۆپىنچىسى ئۆسمۈرلەر بولۇپ جەمئىي 1300 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 16 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي- ماكانسىز قالغان.
ئىران، ئىسرائىلىيىلىك 15 نەپەر دۆلەت ئەمەلدارىنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايىتى تۈپەيلى، خەلقئارا ساقچى ئىدارىسىدىن ئۇلارنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن