مۇئاۋىن باش مىنىستىر نازىم ئەكرەن ۋاشىنگتوندا
2009-03-04
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىر نازىم ئەكرەن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسى بىلەن كۆرۈشۈش مەقسىتىدە ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى.
نازىم ئەكرەن، ۋاشىنگتوندىكى جەرياندا ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە مىنىستىرى تىموتى گېتنىر ۋە ئوبامانىڭ ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە،نازىم ئەكرەن يەنە، خەلقئارا پۇل فۇندى جەمئىيىتى(IMF) نىڭ باشلىقى دومىنىكو سترائۇس كاھن ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى روبىرت زۇئىللىك بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن.
ۋاشىنگىتوندا ئىلمىي مەركەزلەردىن بىرى بولغان ئىستېراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىشى پىلانلانغان نازىم ئەكرەننىڭ، 7 ـ مارتتا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيىگە قايتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىرى: مىركامىل كاشىغەرىي