تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 03.03.2009
2009-03-03
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ھۆررىيەت گېزىتى، گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامىستېردامدا چۈشۈپ كەتكەن تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋېئاتسىيە )شىركىتىگە تەۋە تەكىرتاغ ناملىق ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتا ئۈسكۈنىسى تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ فرانسىيىدە تەكشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، گوللاندىيە دائىرلىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، گوللاندىيە دائىرلىرىنىڭ، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، قارا قۇتا ئۈسكۈنىسى تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى، بۇ قېتىمقى ئايروپىلان پاجىئەسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى تولۇق ئاياقلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئايان بولدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خەۋەردە يەنە، مۇتەخەسىسلەرنىڭ، بۇ قېتىمقى ئايروپىلان پاجىئەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە كۆپلىگەن سەۋەپنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
يېڭى شەپەت گېزىتى، ئامىستېردامدا چارشەنبە كۈنى قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەن تەكىر تاغ ناملىق ئايروپىلاننىڭ، كونترۇل سۇپىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ رەسىمىي ماتىرياللارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتىمۇ، گوللاندىيە ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ، چۈشۈپ كەتكەن تەكىرتاغ ناملىق ئايروپىلان لىيتچۈكلەرنىڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان دېگەن قاراشقا ئىگەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زامان گېزىتى، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجاننىڭ، تۈركىيە بىلەن ئەرمەنىستان (ئەرمنىيە ) ئوتتۇرسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تارىخىي بىر پۇرسەت ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە، تۈركىىيە بىلەن ئەرمەنىستان (ئەرمەنىيە) ئوتتۇرىسىدا بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئەلى باباجاننىڭ، ئۈچۈنچى بىر دۆلەتنىڭ، تۈركىيە – ئەرمانىستان مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان ھەر قانداق بىر گەپ سۆز ياكى ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى. خەۋەردە، باباجاننىڭ بۇ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈرلىكىنى، ھەپتە ئاخىرىدا ئەنقەردە زىيارەتتە بولىدىغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ھىلارى كلىنتون بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئاخشام گېزىتى، شەنبە كۈنى ئەنقەردە زىيارەتتە بولدىغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ھىلارى كلىنتوننىڭ قولىدا، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە،پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش ۋاقتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق يەر ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن ساق – سالامەت چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر ۋە چىقىم ئەڭ ئاز سەرپ قىلىدىغان يولنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق بولدىغانلىقىنى قەيت قىلىندى. خەۋەردە، ھىلارى كلىنتوننىڭ ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچىرىشىدىغانلىقى، ئۇچىرىشىش جەريانىدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، ئىران، 1915- يىلىدىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەنىلەر تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن داۋالار ۋە بۇ داۋانىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىندى.
ساباھ گېزىتى، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۇدا 22 كۈن بومباردىمان قىلىنىش نەتىجىسىدە خانىۋەيران بولغان غەززەنىڭ ئومۇمىي ئەسلىھەلىرىنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن مىسىردا چاقىرىلغان خەلقئارا يىغىنىنى، ` بىر دۆلەت ۋەيران قىلدى، 87 دۆلەت ئوڭشاۋاتىدۇ` سەرلەۋھىسى ئاستىدا كەڭ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
مىللىيەت گېزىتى، تۈرك ئارمىيىسىنىڭ تۈركىيىنىڭ شىرناق ۋېلايىتىدە تېررولۇق تەشكىلاتى غا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلۋاتقانلىقىنى، چېگرا رايونىدا ۋە جۇدى تېغى ئەتىراپىدا ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان قىسىملارغا، ئىلغار تانكىلارنى ۋە مۇھىم بولغان ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن