ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىسرائىلىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسىرى كۈپەيمەكتە
2009-03-03
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە قىلغان قانلىق ھۇجۇملىرىغا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسىرى كۈپەيمەكتە.
شۋېتسىيىنىڭ مالمۆ شەھىرىدە 6- مارت ۋە 8 – مارت كۈنلىرى شۋېتسىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ` داۋىس لوڭقىسى` چويلا توپ مۇسابىقىسى، شۋېتسيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قالايمىقانچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى،
ئىگىلىنىشىچە، شۋېتسيىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ئېمبارگۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان گۇرۇپپىلار، مۇسابىقىنىڭ بېكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. چويلا توپ مۇسابىقىسى، تاماشىبىنلار قاتناشماسلىق شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مۇسابىقە ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدىكەن.
ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندۇندىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن