ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى نۇپۇس ستاتىستىكىسى ئېلان قىلىندى
2009-03-04
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان نۇپۇسىنىڭ 2008 ـ يىلى 1.8% كۆپىيىپ، 27 مىليون 555 مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ستاتىستىكا كومېتىتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، ئالدىنقى يىلى ئۆزبېكىستاندا جەمئىي 646مىڭ 400 بوۋاق دۇنياغا كەلگەن.
باياناتتا، دۆلەتتىكى تۇغۇت نىسبىتىنىڭ 23.6%گە ئۆرلىگەنلىكى، بۇ نىسبەت ئەڭ يۇقىرى بولغان جايلارنىڭ ئەنجان، سەمەرقەنت، سۇرخاندەريا قاتارلىق ۋىلايەتلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۆزبېكىستاننىڭ 2007 ـ يىلقى ئومۇمىي نوپۇسى 27 مىليۇن 72 مىڭ دەپ ئىلان قىلىنغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىرى: مىركامىل كاشىغەرىي