كلىنتون: تولۇق مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قورۇلىشى كېرەك
2009-03-04
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللاري كلىنتون، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرىلىشى ئۈچۈن تولۇق مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى جەريانىدا ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغان كلىنتون، باش مىنىستىر ئەھۇد ئولمېرت، مۇداپىئە مىنىستىرى ئەھۇد باراك، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تزىپى لىۋنى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيىنىڭ ھاماس باشقۇرىشىدىكى غەززە شەھىرىنىڭ چېگرىلىرىنى تاقىۋېتىشى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىنسانىي تراگىدىيىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالغان كلىنتون، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىنسانىي ئىھتىياجلىرىنى قامدىيالىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيىنىڭ چېگرىلاردىن ئۆتۈش ئىشلىرىدا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرىلىشى ئۈچۈن تولۇق مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان كلىنتون، تىنچلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىشى ئۈچۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللاري كلىنتون بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى گىئورگى مىتچىلنىڭ، بۈگۈن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدا ئۇچرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىرى: مىركامىل كاشىغەرىي