سارپ چېگرا ئېغىزى ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشىدۇ
2009-03-04
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيىنىڭ كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىدىغان چېگرا ئېغىزى بولغان ۋە تەخمىنەن بىر يىل داۋاملاشقان تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە قايتىدىن يېڭىلانغان سارپ چېگرا ئېغىزى ئەتە رەسمىي مۇراسىم بىلەن ئىش باشلايدۇ.
مۇراسىمغا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گروزىيە (گۈرجىستان) دۆلەت رەئىسى مىخائىل شائاكاشۋىلىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
جەمىئىي 32600 كۇۋادىرات مېتىر كەڭرى مەيدان، 11 قۇرۇلۇش ئەترىتى ۋە 8252 كۋادىرات مېتىرلىق يېپىق جايدىن تەشكىل تاپقان سارپ چېگرا ئېغىزىنىڭ زامانىۋىي يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قۇرۇلۇشقا ئىگە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سارپ چېگرا ئېغىزىنىڭ 3 ـ دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئۆتۈشمە تىجارەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى، چېگرىلاردىكى تىز ۋە سۇپەتلىك خىزمەتلەر ئارقىلىق شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يېڭىدىن جانلىنىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تۈركىيىگە نىسبەتەن ئۆنۈملۈك پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
چېگرا ئېغىزىنى تۈركىيە بىلەن گروزىيە (گۈرجىستان)نىڭ بىرلىكتە ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، كېلومېتىرلارغىچە سوزۇلۇپ كېتىدىغان ماشىنا ئۆچرەتلىرىنىڭ تۇگەيدىغانلىقى، كۈتۈش ۋە تەكشۈرۈش مۇددىتىنىڭمۇ ئىنتايىن قىسقىرايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
تاموژنا دائىرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2008 ـ يىلى سارپ چېگرا ئېغىزىدىن تۈركىيىگە كىرگەن يۈك ئاپتىموبىللىرىنىڭ سانى 82 مىڭ 956 گە ۋە تۈركىيىدىن چىققان يۈك ئاپتىموبىللىرىنىڭ سانى 79 مىڭ 464 گە يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىرى: مىركامىل كاشىغەرىي