خەلقئارا سۇ ئىشلىرى مۇنبىرى يېغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلماقچى
2009-03-04
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
مۇھىت ۋە ئورمان مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەيسەل ئەر ئوغلۇ، سۈتلىجە مەدەنىيەت كېڭەش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۇ ئىشلىرى مۇنبىرى يېغىنىدىن ئىلگىرى ئويۇشتۇرغان دوكلات يېغىنىدا، خەلقئارا شۇ ئىشلىرى مۇنبىرى يېغىنىنىڭ تۈركىينىڭ تونۇتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇنبەر يېغىنىدا، دۆلەت رەئىسلىرى ۋە مىنىستىرلىرى يىغىنلىرى، كۆرگەزمە ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرئوغلۇ، 25 دۆلەتنىڭ دۆلەت رەئىسلىرى بىلەن بىرلىكتە 185 دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىرىنىڭمۇ يېغىنىغا دەۋەت قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سۇغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن قارارلارنى ئالىدىغان ئەربابلار بىلەن ئالىملارنىڭمۇ ئىستانبۇلغا كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەرئوغلۇ، دۇنيانىڭ سۇغا ئالاقىدار بارلىق تەجرىبىلىرىنىڭمۇ تۈركىيىگە جەم بولۇشىدا، شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ سۇ ئىشلىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى بىلىم بايلىقىنىڭمۇ دۇنياغا تونۇتىلىشىدا بۇ يېغىنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلنى بىر كېڭەش مەركىزى سۈپىتىدە كېلەچەك ئۈچۈن ھازىرلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرئوغلۇ، كېڭەش ساياھىتى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ نورمال ساياھەتچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا 5 ھەسسە ئارتۇق چەتئەل پىرۋۇتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئەرئوغلۇ يەنە، كەلگۈسى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان سودا ـ سانائەتچىلەرنىڭمۇ بۇ قېتىمقى مۇنبەر يىغىنىغا كېلىشىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىرى: مىركامىل كاشىغەرىي