تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 04.03.2009
2009-03-04
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
مەملىكىتىمىزدىكى گېزىتلەر، 29- مارتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان يەرلىك سايلام ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتماقتا.
ھۆررىيەت گېزىتى، سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ يەرلىك سايلامغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
تۈنۈگۈن دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىستانبۇلدا ئىككى قىتئە ئارىسىدىكى ئاممىۋىي قاتناشنى راۋانلاشتۇرىدىغان مېتروبۇس يولىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن گېزىت، ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى دېڭىز بايقالنىڭ نورۇز بايرىمى ۋە 1-ماي كۈنىنى رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىش ھەققىدە قانۇن تەكلىپى سۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
گېزىتتە بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتوننىڭ ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ھېلارىي كلىنتوننى، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېزىت، ھېلارىي خانىمنىڭ بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مىللىيەت گېزىتى، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رايون باشلىقى نامزاتلىرىنىڭ پروگرامما-نىشانلىرىنى سايلىغۇچىلارغا بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى تىزلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گېزىت، بولۇپمۇ شەھەر باشلىقى نامزاتلىرىنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىگە ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە ئىزمىر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ سەھنە بولغانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى.
ساباھ گېزىتى، ھېلارىي كلىنتون قاتنىشىدىغان پروگراممىغا، ئەدەبىيات، كىنو، ئاخبارات ۋە نەشرىيات ساھەسىدىن تۆت نەپەر مەشھۇر ئايالنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانىلقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى.
گېزىت، رىياسەتچىلەرنىڭ ھېلارىي كلىنتوننىڭ يولدىشى، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتونغا مۇناسىۋەتلىك سۇئال سوراشنى پىلانلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ۋەتەن گېزىتى، بىر سائەت بويىچە نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان پروگراممىدا، ھېلارىي كلىنتوندىن سۇئال سوراش ئۈچۈن تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگىمۇ رۇخسەت بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخشام گېزىتى، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۈركىيە زېمىنى ئارقىلىق چېكىنىش مەسىلىسىنى ھېلارىي كلىنتوننىڭ دۆلىتىمىز تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجان بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، باباجاننىڭ ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ تۈركىيە زېمىنى ئارقىلىق چېكىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى، ھەمدە چېكىنىش پىلانىدا ۋاقىت ۋە ئۆتۈش رايونىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتى، تۈركىيە نېفىت شىركىتى مۇدىرى مەھمەت ئۇيسالنىڭ، قارا دېڭىز رايونىدا 10 مىليارد ۋارىل نېفىت ۋە يىللىق بىر يېرىم ترلىيون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە نېفتلىكنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
قارا دېڭىز رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قىدىرىپ، تەكشۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن گېزىت، رايوننىڭ نېفىت زاپىسىنىڭ تۈركىيىنى 40 يىل نېفىت بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سىتار گېزىتى خەۋەرنى «تۈركىيە نېفىت دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ» سەرلەھەۋىسىدە ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.
ھۆررىيەت گېزىتى، 79-قېتىملىق جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىنىڭ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتىگە ئىلھام بەخش ئەتكەنلىكىنى يازدى.
گېزىت، 85 خىل يېڭى ئاپتومۇبىلنىڭ يەرمەنكىگە قويۇلغانلىقىنى، تۈرك ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭمۇ تۆت يېڭى ئاپتومۇبىلىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.
زامان گېزىتى، چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئىشلەپچىقارغان مودېللىرى جەنۋەدىكى يەرمەنكىدە زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى دەپ، يازدى.
يۇقىرىدا بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇڭلار…