ئەنگىلىيە كوسوۋادىكى قوشۇنىنى چېكىندۈرىدىكەن
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە كوسوۋادىكى قوشۇنىنى سىنتەبىرغىچە تامامەن چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەنگىلىيىنىڭ پرىشتىنەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىنىڭ باياناتىدا، كوسوۋادىكى ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ۋە ئەنگىلىيىنىڭ كوسوۋادا خىزمەت ئۆتەۋاتقان 167 كىشىلىك قوشۇنىنىڭ 1 – مارتتىن 1 – سىنتەبىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆز دۆلىتىگە قايتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كوسوۋا ئاخبارات ۋاستىلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كوسوۋادىكى قوشۇنىنى ئازايتماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئى. ئەمىن