گوللاندىيىدە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى بېرىلدى
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: گوللاندىيىدە چۈشۈپ كەتكەن تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەيئەت، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى مەلۇماتلارنى بىلدۈردى.
تەكشۈرۈش ھەيئىتى باشلىقى پىتېر ۋان ۋوللېنھوۋېن ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقە، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىدىغان كۆرسەتكۈچتىن كاشىلا چىققانلىقتىن مەيدانغا كەلگەن. ئايروپىلان قونۇش ئەسنادا ئاپتوماتىك يېتەكچى سىستېمىسىغا توغرىلىنىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇچۇش ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىدىغان كۆرسەتكۈچتىن چىققان كاشىلا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان.
ۋوللېنھوۋېن ئاخىرىدا، ئۇچۇش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن ئايروپىلاننى،تۈرك ئۇچقۇچىلارنىڭ يۇقىرى ماھارىتى بىلەن لاي لاتقىلىق ئېتىزغا شىددەت بىلەن قوندۇرۇلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئىلگىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن، مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەيئىتى، بويىڭ شىركىتىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.