دۇنيا مەتبۇئاتىدا بۇ ھەپتە 04.03.2009
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيە-ئەرمىنىستان (ئەرمىنىيە) مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۈزىتىپ كېلىۋاتقان ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئەرمەنىي شىكايەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر قارارنىڭ ئېلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
گرېنۋىللې بايفوردنىڭ ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىىدا ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تالاش-تارتىشلىرىغا قانداق خاتېمە بەرگىلى بولىدۇ؟» دېگەن ماقالىسىدىكى ئانالىزدا، تۈركىيە-ئەرمىنىستان (ئەرمىنىيە) مۇناسىۋەتلىرىدىكى قاتقان مۇزلارنىڭ ئېرىشكە باشلىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.
يۇقارقى ئانالىزدا، كېڭەش پالاتاسىغا بۇ ھەقتە يېڭى تەكلىپ-لايىھە سۇنىلىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ « تۈركىيە- ئەرمىنىستان (ئەرمىنىيە) مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، تۈرك ۋە ئەرمەنىي خەلقلىرىنىڭ ئۆز-ئارا يارىشىشى ئۈچۈن باسقان بىرىنچى قەدىمى بولۇپ قالالايدىغانلىقىنى پالاتا ئالاھىدە نەزەرگە ئېلىشى لازىم» دەپ، كۆرسىتىلگەن.
ئانالىزدا يەنە، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ئورتاق تارىخشۇناسلار كومىتېتى قۇرۇش تەكلىۋىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىمۇ تەلەپ قىلىنغان، ھەمدە ھازىرغىچە بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ كەلگەن ئەرمىنىستان (ئەرمىنىيە) ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىنقى كۈنلەردە مەزكۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيسىنى يۇمشاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئانالىزنىڭ ئاخىرىدا، ئەرمەنىي لوبىسىنىڭ تەلىۋىگە ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ قارشى چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ۋە ئەرمەنىي شىكايەتلىرىگە دائىر بىرەر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ دېيىلگەن.
تۆۋەندە روسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
پراۋدا گېزىتى، ياپۇنيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ۋلادېمىر ئانوكھىننىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ياپۇنيە باش مىنىستىرى تارو ئاسونىڭ ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى چەتئەللىك رەھبەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
گېزىتتە، ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنىڭ بارغانسىرى چوڭايغانلىقى ۋە لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تىزگىندىن چىققانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يۇقۇرقى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ياپۇنيىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشقا ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. ھەمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭمۇ 25-فېۋرالدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ياپۇنيەنىڭ ئىتتپاقداشلىق رولىنىڭ ئەھمىيتىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
گېزىتتە بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى رەھبەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرزىس، شىمالىي كورىيىنىڭ ئاتۇم پىلانى ۋە ياپۇنيىنىڭ ئافغانىستانغا قىلىدىغان ياردىمى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ئامېرىكىنىڭ 21-ئەسىردە ياپۇنيىگە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى يۈكلىگەنلىكى، شۇنداقلا ياپۇنيىنىڭ ئايرودروم ۋە پورتلىرىنى ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ ئىشىلتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى يېزىلغان.
ئەمدى ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
گۇاردىئان گېزىتى، ئىراقتىكى ئەنگلىيە ئارمىيسى قوماندانىنىڭ «بۇرۇنقىغا سىلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى بىر ۋەزىيەتتە ئىراقتىن ئايرىلىمىز» دېگەن باياناتىغا باش سەھىپىلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
گېزىت، ئۆتكەن 60 يىل ئىچىدە بىر قانچە قېتىملىق چوڭ ئۇرۇشلاردا ئەنگلىيىگە ۋاكالىتەن ئالدىنقى سەپلەردىن ئورۇن ئالغان قومانداننىڭ، ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ ئىراقتا ئەل قائىدە تەشكىلاتىغا قاتتىق زەربىلەرنى بەرگەنلىكىنى ۋە ساغلام بولغان دېموكراتىينىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ھالدا، ئىراقنى تەرك ئېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.
ئىراقتىكى ئەنگلىيە ئارمىيسى قوماندانلىق شىتابىدىن پىنسىيگە چىقىدىغان گېنىرال جون كۇپېر، بەسرەدىن بۇ يىل ياز ئايلىرىنىڭ بېشىدا چېكىنىپ چىقىدىغان ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ رايوندىكى مىللىتان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۆۋەندە فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن خەۋەرلەر ئاڭلىتىمىز.
لې فىگارو گېزىتى «يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان فرانسۇزلارنىڭ، كىنو كۆرۈش ئارقىلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى» خەۋەر قىلدى.
ئېلانلارنى كۈزىتىپ كېلىۋاتقان لې فىگارو گېزىتى، يانۋار ئېيىدا كىنو كۆرۈشكە بارغانلار سانىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى يانۋار ئېيىغا سىلىشتۇرغاندا 4 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى.
گېزىت يەنە، 1929-يىلى دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن كرزىستىمۇ، بۇ ئوخشاشلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.
پروگراممىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئىران مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
تېھران ۋاقىت گېزىتى، ئىران بىلەن سۈرىيىنىڭ ئىسىرائىلىيگە «ئادالەت» ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىتتە ئىراننىڭ مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى پارۋىز داۋۇد بىلەن سۈرىيە باش مىنىستىرى مۇھەممەد ناجى ئوترىنىڭ تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ياردەملىرىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.
گېزىت، ئىسىرائىلىينىڭ 23 كۈن بويىچە غەززەنى ھاۋادىن قاتتىق بومباردىمان قىلغانلىقىنى، بۇ بومباردىماندا ھۆكۈمەت بىنالىرى، مەكتەپ ۋە جامەلەرنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە 1300 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گېزىت يەنە، تۈركىيىدىكى مەزلۇم دېر تەشكىلاتىنىڭ غەززەدە، ئىسىرائىلىينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى يۈزىسىدىن ئىسىرائىلىينى سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلىرىمىزدى خەۋەردار بولدۇڭلار.