ئىسرائىلىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 نەپەر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1 نەپەر پەلەستىنلىك يارىدار بولدى
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 2 نەپەر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1 نەپەر پەلەستىنلىك يارىدار بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسلامى جىھات تەشكىلاتىغا ئەزا 3 نەپەر كىشى غەززە - ئىسرائىلىيە چېگراسىدا كېچىچە ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئۆيلىرىگە قايتىش ئەسناسىدا ھۇجۇمغا ئۇچىرىغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ھۇجۇمچى ئايروپىلانلىرى ۋە تانكىغا قارشى راكېتا بومبىلىرى ئارقىلىق، چېگرىدا ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ئوققا تۇتقان 3 نەپەر قوراللىق كىشىنى نىشان قىلغان.
ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە قىلغان 22 كۈنلۈك ھۇجۇمىدا، غەززەدە كۆپىنچىسى خەلق ئاممىسى بولۇپ جەمئىي 1300 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن