ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى: ش.ئا.ئە.ت - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى كېرەك
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋىد مىلىباند، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈمىد قىلىنغان سەۋىيىگە چىقىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.
داۋىد مىلىباند، بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - رۇسىيە كېڭىشىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىش مەسىلىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
داۋىد ئاخىرىدا، رۇسىيىنىڭ غەرب دۇنياسىغا قانچىلىك ئېھتىياجى بولغان بولسا، غەرب دۇنياسىنىڭمۇ رۇسىيىگە شۇنچىلىك ئېھتىياجى بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن