خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئەل بەشىرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، سۇدان دۆلەت رەئىسى ئۆمەر ئەل بەشىرنى، دارفۇر رايونىدا ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارار، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
سۇدان دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ، ئەل بەشىنىڭ بۇ ئايدا چاقىرىلىدىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.
سۇدان ھۆكۈمىتى مەزكۇر قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سۇداندا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان 10 خەلقئارا ساخاۋەت مۇئەسسەسەلىرىدە ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان خادىملارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەزكۇر قارارنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىكەن، رۇسىيە بۇ قارارنى خەتەرلىك بىر قەدەم دەپ قارايدىكەن.
جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى، مەزكۇر قارارنىڭ ھازىرچە ئىجرا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا چاقىرىق قىلدى.
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارنىڭ ئافرىقا قىتئەسىنىڭ تىنچىقلىقىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجان، مەزكۇر قارارنىڭ سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشكە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن