كۆكسال توپتاننىڭ يەمەن زىيارىتى ئاخىرلاشتى
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى كۆكسال توپتان يەمەننى زىيارەت قىلىش ئەسناسىدا بۇ مەسىلىنى تەكرار – تەكرار تىلغا ئالدى.
توپتاننىڭ يەمەن زىيارىتى ئاخىرلاشتى.
تۈركىيە بىلەن يەمەن ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتلەر، ئاخىرىقى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق زىيارەتلەر بىلەن يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.
مەجلىس باشلىقى كۆكسال توپتاننىڭ يەمەنگە قىلغان رەسمىي زىيارىتىدىمۇ بۇ مەسىلىلەر تەكىتلەندى، ھەمدە پەلەستىن مەسىلىسىمۇ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى.
يەمەن جۇمھۇر رەئىسى ئەلىي ئابدۇللاھ سالىھ بىلەن توپتاننىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئەلىي ئابدۇللاھ سالىھ پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى ۋە تۈركىيىنىڭ ئوينىغان رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
تۈركىيە بىلەن يەمەننىڭ رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى تاشقى سىياسەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سالىھ، «پەلەستىن مەسىلىسى ۋە غەززەدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە، تۈركىيىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسىنى پۈتۈن ئەرەب دۇنياسى قوللاپ- قۇۋۋەتلىمەكتە» دېدى.
يەمەن جۇمھۇر رەئىسىگە، پايتەخت سانئادىكى ئوسمان ئىمپىرىيىسى قارارگاھىنى رېمونت ۋە تۈرك شېھىتلىرى قەبرىگاھلىرى ئۈچۈن ئورۇن ئاجرىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان كۆكسال توپتان، يەمەن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە كېڭەش (شۇرا) مەجلىسى باشلىقى بىلەنمۇ ئۇچراشتى.
توپتان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھەيئىتىنىڭ ئاخىرىقى بېكىتى «ئەل سالىھ جامە» سى بولدى.
پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىناكارلىق ماھارەتلىرى نامايان قىلىنغان جامەگە تۈركىيىمۇ تۆھپە قوشتى.