قىرغىزىستان, ماناسقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كېلىشىملەرنى بىكار قىلدى
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پارلامېنتى، تاقىۋېتىشنى قارار قىلغان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ پايدىلىنىشىنى ماقوللىغان كېلىشىملەرنىمۇ بىكار قىلدى.
قىرغىزىستان پارلامېنتىدا 1 گە 80 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىناۋەتسىز قىلىنغان كېلىشىملەر، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا ئائىت ماناس ھاۋا بازىسىدىن ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىۋېلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
قىرغىزىستان پارلامېنتى، ئۆتكەن ئايدا ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغان ۋە بۇ قاراردا بازىنىڭ 180 كۈن ئىچىدە بوشىلىتىش تەلىپى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسىغا بىلدۈرۈلگەن ئىدى.