ياۋروپادا نوپۇس كرىزىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ياۋروپادا نوپۇس كرىزىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا.
گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا نوپۇس كرىزىسىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ياۋروپانىڭ نوپۇسى بارغانسېرى ئازىيىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئەكسىچە، ياشانغانلارنىڭ نوپۇس سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن.
ئەگەر ياۋروپاغا باشقا جايلاردىن كۆچۈشنى ھېسابقا قاتمىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلىرىدە 2050- يىلىغا كەلگەندە 52 مىليون نوپۇس ئازىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتە، ھەر بىر ئايالغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يېرىم بالا توغرا كېلىدىكەن.
تۇغۇلۇش نىسبىتى ئازايغاننىڭ ئەكسىچە، ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى بارغارنىسرى كۆپەيمەكتە.
2050- يىلىغا كەلگەندە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلىرىدە، ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى يەنە 10 يىل ئۇزىرايدىكەن.
خىزمەت قىلالايدىغان نوپۇسنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، پېنسىيە ۋە سەھىيە خىراجەتلىرىنىڭ مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى ئىقتىسادشۇناسلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.
نوپۇس تەكشى تارقالغان دۆلەتلەر بولسا ئىسلاندىيە، شۋېتسىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن