تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 05.03.2009
2009-03-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيىدىكى ھەرقايسى گېزىتلەر، گوللاندىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 25- فېۋرال چارشەمبە كۈنى گوللاندىينىڭ ئامىستېردام شەھىرىنىڭ سچىفول ئايرودرومى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن تۈرك ھاۋا يوللىرى (تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى) نىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتماقتا.
ھۆررىيەت گېزىتى، گوللاندىيە بىخەتەرلىك تەتقىقات كېڭىشىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىنىڭ سچىفول ئايرودرومىغا قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەن تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايرۇپىلانىنىڭ ۋەقەگە ئۇچراش مەسىلىسىگە ئائىت مەلۇماتلارنى تۈنۈگۈن كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ئايرۇپىلاندا قونۇشقا قەدەر ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولۇپ، قونۇشقا ھازىرلانغان ئەسنادا ئايرۇپىلاننىڭ ئىگىزلىك كۆرسەتكۈچىسى خاتا سىگىنال بېرىشكە باشلىغان.
ساباھ گېزىتى، ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئىگىزلىكنى خاتا كۆرسەتكەن سىگىنال ھەققىدە ئاپتۇماتىك ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش كەلگەن بولسىمۇ، لىيۇتچىكلارنىڭ دەسلەپتە ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
لىيۇتچىكلارنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئايرۇپىلاننى ئىگىزگە ئۇچۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما ئايرۇپىلاننىڭ بەخىتكە قارشى ئېتىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگە گېزىت، قارا قۇتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈلىشىدە، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى سەككىز قېتىملىق سەپەرنىڭ ئىككىسىدە كۆرسەتكۈچلەرنىڭ خاتا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
رادىكال گېزىتى بولسا، گوللاندىيلىك دائىرىلەرنىڭ ئىگىزلىك كۆرسەتكۈچىدىكى چاتاق ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئايرۇپىلاننى ئىشلەپچىقارغان بويىن شىركىتىگە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مىللىيەت گېزىتى، ئايرۇپىلاننىڭ قونۇش ئەسناسىدا ئارقا تەرىپى 175 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يەرگە قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى، ئەسلىدە ئايرۇپىلاننىڭ 260 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن قونۇش سىزىقىغا يىقىنلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتى، گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ خاتالىقنىڭ ئايرۇپىلاندا يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا تۈرك ھاۋا يوللىرى مەسئۇللىرىنىڭ قايىل بولمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ساباھ گېزىتى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئەنقەرەگە قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارىتنىڭ ئەتە كەچ سائەتلەردە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، ھېلارىي كلىنتوننى دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قوبۇل قىلغاندىن كېيىن خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى يازدى.
ئاخشام گېزىتى بولسا، بىر يېرىم يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ 142 مىڭ ئەسكىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى مەسىلىسى، ھېلارىي كلىنتوننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى كۈنتەرتىۋىدىكى ئەڭ مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، ئەنقەرەنىڭ ئالتە يىل ئىشغال ئاستىدا تۇرغان ئىراقتا توپلانغان يۈزمىڭلارچە قورا-ياراق ۋە ئەسكىرىي مالزىمىلەرنىڭ چېكىنىش جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندېشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ساباھ گېزىتى، ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنىرال ھاسان ئىغسىزنىڭ، ئىراقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد ئابدۇلقادىر جاسسىمىنىڭ تەكلىۋى بىلەن باغداتقا يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، ئۇچرىشىشتا گېنىرال ئىغسىز بىلەن جاسسىمىنىڭ ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەسكىرىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، دۆلىتىمىز تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجاننىڭ يىقىنقى كۈنلەردە مۇھىم كۈنتەرتىپتە بولغان تۈركىيىنىڭ ئافغانىستانغا زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىشى ھەققىدە رەسمىي بىر تەلەپنىڭ كەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
گېزىت، باباجاننىڭ «مۇنداق بىر تەلەپ كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئويلىشىپ كۆرىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.
زامان گېزىتى، ۋەزىپە مۇددىتى ئىيۇل ئېيىدا توشىدىغان شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى جائاپ دېخۇپ سچىفېرنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە قويۇلماقچى بولغان دانىيە باش مىنىستىرى ئاندېرىس فوگراسمۇسسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
گېزىت، ئەنقەرەنىڭ ئاندېرىس فوگراسمۇسسىنى ھەجۋىي رەسىم كرزىسى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيسى يۈزىسىدىن قارشى ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆررىيەت گېزىتى، گوللاندىينىڭ لاھېي شەھىرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ، دارفۇردا 300 مىڭ كىشىگە قىلغان قەتلىئام جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن سوراققا تارتىشقا قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گېزىت، قاراردىن كېيىن سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ كوچىلاردا نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساباھ گېزىتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ، تۇنجى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر رەھبەر ھەققىدە قارار ئالغانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى.
گېزىت، قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ مەھكىمىنىڭ قارارىغا قارشى چىققانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ تۇتۇلىشىغا قارىتىپ «ئۇ قەغەزنى ئۆزلىرى يىسۇن» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.
مىللىيەت گېزىتى، مەزكۇر خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيىگە كەلگەن ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ يەنە بىر قېتىم تۈركىيىگە كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئەنقەرەنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
گېزىت، گەرچە تۈركىيىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ بارلىق قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك بولمىسىمۇ، ئەل بەشىرنى تۇتۇپ سوراققا تارتالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدا تۈركىيە مەتبۇئاتىدىن تاللاپ تەييارلانغان ىەۋەرلىرىمىزدىن خەۋەردار بولدۇڭلار!
مەسئۇل مۇھەررىر: م. ھۇسەيىن