ش ئا ئە ت - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن قايتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئارا مۇناسىۋەت ئورناتماقچى.
بىريۈسسېلدە يىغىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئالدىنقى يىلى گۇرجىستان (گىروزىيە) غا قىلىنغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىغان رۇسىيە بىلەن قايتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلدى.
قارارغا كۆرە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنڭ ئاپرىل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يېغىنىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى قايتىدىن پائالىيەت باشلايدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتونمۇ ئافغانىستاندا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن خەلقئارالىق يېغىن ئۈيۈشتۇرۇش تەكلىپى سۇندى.
كلىنتون ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق دەرۋازىسىنى ئۇكرائىنا بىلەن گۇرجىستانغا ھەردائىم ئوچۇق تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يېغىنغا قاتناشقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجانمۇ، رۇسىيەگە قورشاۋ ئىچىدە قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان چەتكە قېقىش سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
موسكوۋامۇ، رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ھەققىدىكى قارارنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئالدىنقى يىلى رۇسىيىنىڭ گۇرجىستانغا ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى.