تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بريۇسسېلدا ئۇچراشتى
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بريۇسسېلدا ئۇچراشتى.
ئىگىلىنىشچە، ئۇچرىشىشتا ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ كېڭىشىش ۋە ئالاقىلىرىنىڭ داۋاملىشىشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى (ناتو) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بريۇسسېلغا يېتىپ بارغان دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلىي باباجان، ئايرىم ئۇچرىشىشلار دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تزىپى لىۋنى بىلەن ئۇچراشتى.
تۈركىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرلدى.
لىۋنى ۋە باباجان ئۇچرىشىشىدا، تىنچلىق ھەرىكىتى نىشانى مەسىلىسىدە نېمە ئىشلارنىڭ قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كېڭىشىش ۋە ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.