مۇرات مەرجان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى ۋاشىنتوندا
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىىتى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدىن ئامېرىكنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى خەۋەردار قىلىش پائالىيىتىنى پائال داۋام قىلدۇرماقتا.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومېتىتىنىڭ باشلىقى مۇرات مەرجاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەيئەت، ۋاشىنگىتوندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، كېڭەش پالاتاسى ۋە بىر قىسىم ئىلمىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى شۇنداقلا ئەسكى شەھەر مىللەت ۋەكىلى مۇرات مارجان، چانكىرى مىللەت ۋەكىلى سۇئات قىنىكلى ئوغلۇ، ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى نۇرسىنا مەمەجان، شۈكرۈ ئەلەكداغ ۋە مەلەندىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا ۋاشىنگىتون زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.
كومىتېت باشلىقى مۇرات مەرجان ھەيئەتنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، كېڭەش پالاتاسى ۋە ئىلمىي ئورگانلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلاردا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇچرىشىشلاردا ئەرمەنلەرنىڭ ئاتالمىش 1915 ـ يىلدىكى ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك داۋالىرى ھەققىدىمۇ توختالغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇرات مەرجان، «بىز ئەرمەنلەرنىڭ ئاتالمىش قىرغىن قىلىنغانلىقىغا ئائىت قانۇن تەكلىپ لايىھىسىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇنىڭ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق. بولۇپمۇ رايوندا قالايمىقانلاشتۇرىلىۋاتقان مۇسبەت ۋەزىيەتنىڭ تۈركىيە ـ ئەرمەنىستان ۋە ئەزەربەيجان ـ ئەرمەنىستان ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنى تورمۇزلاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق» دېدى.
ھەيئەتكە ئەزا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ، ئۇچرىشىشلاردا ئامېرىكا مەسئۇللىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرق، ئىراق ۋە ئافغانىستاننى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستېراتىگىيىلىك نۇقتىلارغا ساھىپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
مىللەت ۋەكىللىرى، ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋىي ئىستېراتىگىيىسىدە تۈركىيىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلىدى.