سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ قۇراللىنىش رىقابىتى يېڭىدىن جانلانماقتا
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ قورقۇنچلۇق دەھشىتى بولغان قۇراللىنىش رىقابىتى يېڭىدىن جانلانماقتا.
رۇسىيەنىڭ سابىق ھاۋا ئارمىيە قۇماندانى گېنرال ۋالەنتىن پوپوۋكىن، رۇسىيىنىڭ دۈشمەن سۇنئىي ھەمراھلارنى ھالاك قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قورال ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پوپوۋكىن قاتناشقان بىر مۇنبەر سۆھبىتىدە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگۇنىڭ ئالەم بوشلۇقى قوراللىرى لايىھىسى ھەققىدە سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ؛ رۇسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى ئالەم بوشلۇقى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ باشلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، بىراق باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگىمۇ پەرۋاسىزلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2007 ـ يىلى جۇڭگونىڭ ۋە 2008 ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئۆمرى ئاياقلاشقان سۇنئىي ھەمراھلىرىنى يەر يۈزىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش بىلەن يوقاتقانلىقى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.