گۇئەنتانومو جازا لاگېرى
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا، ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە نەرسىلەردىن ئىككىسى بار بولۇپ، بىرى مۇداپىئە مىنىسىتىرلىكى بولغان ` پېنتاگون`، يەنە بىرى بولسا كاپىتالىزىمنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «قوشكېزەك بىنا» ئىدى، 2001- يىلى 11- سېنتەبىر كۈنى بۇلارنىڭ تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىشى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. بۇ قېتىمقى تېررولۇق ۋەقەسى دۈنيادا ئادەتتىن تاشقىرى كۈچگە ئىگە بولغان ئامېرىكىنىڭ ئستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەركىزىدە يۈز بەردى. ئامېرىكىلىقلار بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارى، دەپ قارالغان ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق كاتتىباشلىىرىنى دۆلتىدە پاناھلىنىشقا رۇخسەت قىلغان ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىميىتىدىن دەرھال بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە ئەگەر ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن تەقدىردە تېگىشىلىك چارە قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئەمدى دۆلەتلىك غازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھايدار چاقماقنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
تالىبان لىدەرلىرى ئامېرىكا ھاكىميىتىنىڭ تەھدىتىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىغان ۋە ئەل قائىدە كاتتىباشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى قەتئىي رەت قىلغان. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئامېرىكا ھاكىميىتى ئافغانىستانغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى. تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، بۇش ھۆكۈمىتى ئافغانىستان – پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «گۇمانلىق» دەپ قارالغان بارلىق گۇماندارلارنى تۇتۇپ، كۇبانىڭ گۇئانتانامو قولتۇقىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ كىچىك بىر يېرىدە 2002- يىلى يانۋار ئېيىدا دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىغان بىر جازا لاگېرى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدراسىنىڭ قولىدا ئېنىق بىر ئىسپات بولماي تۇرۇپ، قولغا ئالغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ گىراژدانلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققىمۇ تارتماستىن، يىللاردىن بېرى بۇ جازا لاگېرىدا قاماقتا تۇتۇپ تۇرماقتا. گۇئەنتانامو جازا لاگېرىنىڭ سوراققا تارتىش ئۇسۇللىرى ۋە تۇرما شارائىتىلىرى 1949- يىلىدا ئىمزالانغان جەنۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى كېلىشىمنامىسىنىڭ روھىغا تامامەن زىتتۇر. 2002- يىلى يانۋار ئېيىدىن ھازىرىغىچە 31 دۆلەتتىن جەمئىي 779 نەپەر كىشى قولغا ئېلىنغان. 47 نەپەر مەھبۇس ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىقا ئۇرۇنغان. تۈرمە كامېرلىرىدىن 4 نەپەر مەھبۇسنىڭ جەسىدى تېپىلغان. 2009- يىلى مارت ئېيى ئېتىبارى بىلەن 224 مەھبۇس ھازىرغىچە گۇئانتونامو جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. 2006 - يىلى بۇش ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسدە يىللاردىن بېرى يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان قانۇنسىز ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن بىر ھەربىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇپ چىقتى. لېكىن، جىنايەت سادىر قىلىنغان ماكان ياكى بۇنىڭغا ئائىت بىرەر جىنايى ئىسپات تېپىلمىغانلىقى تۈپەيلى، ئالىي دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىشقا پەقەتلا قادىر بولالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەھبۇسلار تەرپىىدىن ئىلىگىرى سۈرۈلگەن ئېغىر دەرىجىدە قىيناپ سوراق قىلىش ئەھۋاللىرى ۋە ئادوۋكاتلارنىڭ بەزىبىر تەلەپلىرىگە سەل قارالغان، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. بۇ سەۋەپتىن، مەھبۇسلارنى سوتقا تارتالمىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش كومىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارنى ياقلىغۇچى تەشكىلات ۋە ئورگانلار گۇئانتانامو جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە خېلىلا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ھەتتا ئاداققچە كۈرەش قىلدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇش ھاكىمىيىتى بۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىغان. ئوباما پرېزىدېنلىق سايلىمى جەريانىدا پرېزىدېنت سايلىنىپ قالغان تەقدىردە، تۇنجى بولۇپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلار قاتارىدا گۇئانتانامو رەزىللىكىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئئوباما 2009- يىلى يانۋاردا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇغاندىن كېيىن دېگەندەك بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى ۋە گۇئانتانامو جازا لاگېرىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ روھىغا ئاساسەن ، گۇئانتانامو جازا لاگېرى 2010- يىلى تاقىۋېتىلىدىكەن. جازا لاگېرىدا قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئايرىلمايۋاتقان بىر پەيتتە، ئەگەر بۇ مەھبۇسلار دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان ئەھۋال ئاستىدە، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر جازاغا تارتىلىشى ھەتتا بەزىلىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، جۇڭگۇ پۇقراسى بولغان 17 نەپەر مۇسۇلمان ئۇيغۇر، جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئىنسانلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، ھەتتا بۇ ئىنسانلار ئامېرىكىقلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 2009- يىلى فېۋرالدا مەزكۇر مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن. بىراق يەنىلا بۇ ئىنسانلار ھەققىدە ئېنىق بىر قارار ماقۇللانمىغان. چۈنكى، بۇ ھەقتە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى قارار بېرىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق، دەپ قارىلىدىغان قاراش مەۋجۇتتۇر. دۇنيا مىقىياسىدا كىشلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغداۋاتقان ھەمدە تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر ھەققىدە توختىماستىن كىشلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئائىت دوكلات ئېلان قىلىۋاتقان ياۋروپا ۋە ئامېرىكا دائىرلىرى بۇ قېتىم كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە زور سىناققا دۇچ كىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار قاراپ تۇرۇپ بۇ ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى خەۋپكە دۇچار قىلىسا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كىشلىك ھەق – ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى پۈتكۈل خەلقئارا جامەئەتچىلىكىگە جاركارلىشى كېرەك.
مەھئۇل مۇھەررىر: ئا. ئەمىن