تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 06.03.2009
2009-03-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: جۇمھۇرىيەت گېزىتى بىر يىلدىن بىرى تۈركىيە بىلەن گۈرجىستان (گروزىيە) ھەمكارلىقىدا ياسىلىۋاتقان سارپ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ۋە گۈرجىستان (گروزىيە) پرېزىدېنتى مىخائىل سائاكاشۋېلىنىڭ قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە سارپ ۋە سارپى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئورتاق تاموژنا ئېغىزى شەكلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ۋە گۈرجىستان (گروزىيە) نىڭ ئورتاقلىقىدا باتۇم ئايرودرومىدىن سىرىت، چېگرا ئېغىزلىرىنى ئورتاق قوللىنىشقا باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.
زامان گېزىتى، داۋوس كرزىسىدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن جىددىي ۋەزىيەتنىڭ، دۆلىتىمىز تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجان ۋە تزپى لېۋنىينىڭ بريۇسسېلدا ئېلىپ بارغان تۇيۇقسىز ئۇچرىشىشى بىلەن ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىتنىڭ «ئىسىرائىلىيە بىلەن قىش ئېيىدا داۋوستا، باھاردا بريۇسسېلدا» ناملىق سەرلەھەۋىسىدىكى خەۋەردە، باشتا غەززە ئاساس قىلىنغان ھالدا، ھەر خىل مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا باباجان ۋە لىۋنىينىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي دىئالوگنى ھەر دەرىجىدە داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رادىكال گېزىتى، تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئىراق ئارمىيسىنىڭ تۈركىيە ئارمىيسىنىڭ ياردىمىدە يېڭىدىن تەشكىللىنىشى توغرىسىدا كېلىشىمنامە ئىمزالىنىشى كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ھاسان ئىغسىزنىڭ 4-مارت كۈنى باغداتتا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى جەريانىدا بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كېلىشىمنامىنى ئىجرا قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مىمۇراندۇمنىڭ ئىمزالىنىشى توغرۇلۇق بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىنغانلىقى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ ئاي ئاخىرىدا ئېلىپ بارىدىغان ئىراق زىيارىتىگە يېتىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
سىتار گېزىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ باش كاتىپلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن دانىيە باش مىنىستىرى ئاندېرىس فوگراسمۇسسىنى تۈركيىنىڭ رەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، دۆلىتىمىز تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجاننىڭ بەرگەن باياناتىدا يېڭى باش كاتىپنىڭ ئالدى بىلەن ئىتتىپاقنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىدىغان ۋە بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان، شۇنداقلا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنىڭ لازىملىقى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا خەۋەردە يەنە، بۇ باياناتقا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسىلام ھەققىدىكى ھەجىۋىي رەسىملەر ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ پائالىيەتلىرىگە پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن راسمۇسسىنى ئەنقەرەنىڭ رەت قىلىشى دەپ، باھا بېرىلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئامېرىكا ئاپتۇمۇبىل سانائىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان جېنىرال موتۇرس شىركىتىنىڭ، قوشۇمچە مالىيە ياردىمى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ۋەيران بولىدىغانلىقى تەرىقىسىدىكى باياناتىنىڭ، ئامېرىكا ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، چەتئەل پۇللىرىنىڭ دوللارغا ئايلاندۇرۇپ ھېسابلانغىنىدا زور دەرىجىدە قىممەت يوقاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ياۋرۇپا پايچېكى بازارلىرىنىڭ كۈننى تۆۋەنلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقى، ئىستانبۇل كۆچمە مۈلۈك بازىرىدا پايچېكلارنىڭ قىممىتى 4 پىرسەنت ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەنلىكى، ھەمدە دوللار قىممىتىنىڭ 2003-يىلى مارت ئېيىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ساباھ گېزىتى، ئۇكرائىنادا دۆلەتكە ئائىت تەبىئىي گاز شىركىتى نېفتوگازغا قىلىنغان بىسىمنىڭ ئارقىسىدا پرېزىدېنت ۋىكتور يۇشچەنكو بىلەن باش مىنىستىر يۇلىئا تىموشەنكو ئارىسىدا يۈز بەرگەن زىددىيەتنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئۇكرائىنادا ئالدىنقى كۈنى مەزكۇر شىركەتكە ناھايىتى زور بېسىم ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە ئاپتۇماتىك قوراللار بىلەن قوراللانغان، نىقاپلىق ساقچىلار تەرىپىدىن شىركەت ھۆججەتلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ۋە شىركەتنىڭ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن خەۋەردە، تۈنۈگۈن شىركەتنىڭ شۆبىسى ترانفاز شىركىتىگىمۇ ئوخشاش شەكىلدە بېسىم ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە يەنە، باش مىنىستىر تىموشەنكوغا قاراشلىق ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردىن كېيىن، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى بىلەن باش مىنىستىر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكى، بۇ ئەھۋالنىڭ روسىينىڭ تەبىئىي گازىنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.