كوسوۋادا ھۆكۈمەت ۋە خامچوت ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: كوسوۋادا ھۆكۈمەت ۋە خامچوت ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارا تەكشۈرگۈچى لارس لەيگ ئوفولسسون ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.
ئوفولسسون كوسوۋانىڭ رەسمىي دائىرىلىرىدە تېخىمۇ ياخشى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت ئىستىلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشتىن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوفولسسون، خەلقئارا ۋەكىل پىئېتېر فېئتخ تەرىپىدىن 2009 – يىلى يانۋاردا كوسوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش تەكشۈرگۈچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى.
پىئېتېر فېئتخ، كوسوۋانىڭ تەرققى قىلىشى، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە خەلقئاردىكى ياردەمسۆيەر زاتلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش جەھەتتىن مۇستەقىل بىر باش تەكشۈرگۈچىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى.