غول ھۈجەيرىلەرنىڭ دورىخانىلاردا سېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن
2009-03-09
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: سىناق باسقۇچىدىكى تەتقىقاتلار ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشكىنىدە، غول ھۈجەيرىلەرنىڭ دورا ھالىتىگە كېلىدىغانلىقى ۋە ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە غول ھۈجەيرىنىڭ دورىخانىلاردا سېتىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە گېماتولوگىيە جەمئىيىتى باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور زەپەر گۈلباش، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە ئۈچەي ياللۇغى كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
غول ھۈجەيرە ساھەسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلاردا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۈلباش، ئەگەر تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان تەقدىردە، غول ھۈجەيرىلەرنىڭ دورا شەكلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ غول ھۈجەيرە داۋالىنىشىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.