رۇسىيە، قورالسىزلىنىش يولىدا ئىجابىي قەدەم تاشلىدى
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: رۇسىيە، قورالسىزلىنىش يولىدا ئىجابىي قەدەم تاشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، موسكۋا ۋاشىنگىتون بىلەن يادرو قوراللىرىغا چەكلىمە قويۇلغان يېڭى بىر كېلىشىمنامىگە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىدىكەن.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋى، يېڭى كېلىشىمنامىگە يادرو قوراللار ئۇرۇشى دېگەن ماددىنىڭمۇ كىرگۈزۈلىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
قورالسىزلىنىش سىياسىتىنىڭ تاشقىي پلانتتىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن لاۋروۋى، ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ يەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يادرو قوراللار سىنىقىغا چەكلىمە قويىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك بىر كېلىشىمنامىنىڭ ئىشقا ئېشىشىدا ئاۋانگارتلىق رول ئوينىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى دمىترى مېدۋېدېۋنىڭ قارىشىچە، يېڭى بىر يادرو قورالسىزلىنىش كېلىشىمنامىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
مېدۋېدېۋ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ يادرو قوراللاردىن تازلىنىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن رۇسىيىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا چەكلىمە قويىدىغان قىسقىچە نامى ستارت -1 دەپمۇ ئاتىلىدىغان « ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى ئازايتىش كېلىشىمنامىسى»1991- يىلى موسكۋادا ئىمزالانغان ئىدى.
مەزكۇر كېلىشىمنامىنىڭ ۋاقتى 2009- يىلى 5 - دېكابىردا تۈگەيدۇ.