بان كىمون، 10 – مارت كۈنى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولىدۇ
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن 10 – مارت كۈنى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولىدۇ.
بان كىمون – باراك ئوباما ئۇچرىشىشىدا، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئاقىۋېتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۇدان، ئافغانىستان، ئوتتۇرا شەرقتىكى يادرو قوراللىرى، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، ۋاشىنگتونغا قىلىدىغان 2 كۈنلۈك زىيدارىتىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتوندىن سىرت يەنە، كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتاسى رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىدۇ.