فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق ئورنىغا قايتىدىن ئەزا بولۇش مەسىلىسى، پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: فرانسىيىدە ھۆكۈمەت، فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق ئورنىغا قايتىدىن ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى ، پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلدى.
فرانسىيە باش مىنىستىرى فرانكيوس فىللوننىڭ كۆرسىتىشىچە، فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق ئورنىغا قايتىدىن ئەزا بولۇش مەسىلىسى، مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى پارلامېنت ۋە يۇقىرى پالاتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.
فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق ئورنىغا قايتىدىن ئەزا بولۇشى، 3- ۋە 4 ئاپرىل كۈنلىرىدە، شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ستراسبۇرگ ۋە كېھل شەھەرلىرىدە چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئېنىق بولىدۇ.
فرانسىيە، 1966 - يىلى گېنېرال چارلىز گاۋلۋۇل دەۋرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ چىققان ئىدى.