تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 07.03.2009
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ھەر قايسى گېزىتلىرىمىز يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ۋە كرىزىسنىڭ تۈركىيىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئانالىزلارغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
مىللىيەت گېزىتى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 1 لىرا 79 سېنتقا ئۆرلەپ تۈركىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مىللىيەت گېزىتى، دۇنيا مىقياسىدىكى ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شەرقىي ياۋروپادا ھۆكۈم سۈرگەن ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇققا دائىر ئانالىزلىرىغا ئورۇن بېرىلدى.
ساباھ گېزىتى، تاشقىي پروئۇت ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ھەممىنىڭ تۈركىيە مەركەز بانكىسىنىڭ بۇ ھەقتە بىر چارە قوللىنىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، مەركەز بانكىسىنىڭ تاشقىي پروۋۇت قىممىتىنىڭ مۇشۇ سۈرئەتتە ئۆرلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ۋاسىتىلىك ھالدا تېگىشلىك چارە قوللىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سىتار گېزىتى، ھالاكەت بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان گېنېرال ئاپتوموبىل شىركىتى، ياۋروپانى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
دۇنيادىكى 34 دۆلەتتە، 12 ماركا بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان گېنېرال ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ 252 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىسى بارلىقىنى،بۇلارنىڭ ئىچىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ياۋروپادىكى فابرىكىلىرىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى يازغان ستار گېزىتى، ياۋروپا ئەللىرى كېڭىشىنىڭ، گېنېرال ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ تارماقلىرى جايلاشقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملىرىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېڭى شەپەق گېزىتى، تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتىنىڭ يولۇچى سانىنىڭ 2 ھەپتە ئىچىدە 5 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
خەۋەردە، تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە) شىركىتىنىڭ ئامىستېردام بىر ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ۋەقەدە 9 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بۇنىڭدىن كېيىن تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچى سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەندەك قاراشلارنىڭ بولۇشىنىڭ ئەكسىچە، ياۋروپا سەپەرلىرىدە يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە يولۇچى سانىنىڭ 5 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
ئاخشام گېزىتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون خانىمنىڭ، بىريۇسسېلدىكى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان باياناتىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
ھىلارى كلىنتون خانىمنىڭ، ياۋروپادا ئاساسەن ئومۇملاشقان ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان ` كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنىڭ پەقەتلا كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغانلىقى` غا دائىر باياناتىغا ئورۇن بەرگەن ئاخشام گېزىتى، بىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇش سۈپتىدە تۇنجى قېتىم ياۋروپانى زىيارەت قىلغان ھىلارى كلىنتون خانىمنىڭ، بۇ باياناتىنىڭ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون خانىمنىڭ، ياۋروپادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. خەۋەردە، ھىلارى كلىنتون خانىمنىڭ ئەنقەرە كۈنتەرتىپىدە، ئىراقتىن تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش، ئىراق ۋە پ.ك.ك، ئىران، ئەرمەنى قىرغىنچىلىقىغا دائىر داۋالار، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ` زور سالماقلىق` تېمىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللا گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى باباجان قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغان كېيىن، ھىلارى كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى تۈركىيە - يۇنانستان سىياسىتى ھەققىدە توختالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ھىلارى كلىنتون خانىمنىڭ، سابىق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنستىرلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئەنقەردىكى زىيارىتى ئاياغلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يۇنانستان (گرېتسىيە)نىڭ پايتەختى ئاتىنادا زىيارەتتە بولماستىن، ۋاشىنگىتونغا قايتىپ كېتىدىغانلىقى قەيت قىلدى.
زامان گېزىتى، ئىسرائىليىنىڭ، 22 كۈن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان ۋە 1300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان غەززە ھۇجۇملىرىدا، قانچە مىڭلىغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنى يوقىلاڭ باھانە بىلەن ئۆز مەيلىچە خانىۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئەنگىلىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بولغان BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنىڭ، غەززەدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ، ئۆزلىرىگە ھېچقانداق خەۋپ ئېلىپ كېلەلمەيدىغان تۇرالغۇ جايلارنى پۈتۈنلەي خانىۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىگە دائىر دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
http://www.trtuyghur.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=de6362b4-ef58-4861-8b5d-0ffb4cb3c7d5