ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە مۇھەممەد دەمىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە مۇھەممەد دەمىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
خەلقئارا Alexandre Medved مۇسابىقىسىدە مۇھەممەد دەمىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
ئەركىن چېلىشىش تۈرى بويىچە تۈنۈگۈن بېلورۇسىيىنىڭ پايتەختى مىنسكتە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان خەلقئارا Alexandre Medved ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۈركىيىلىك ئەركىن چېلىشىش ماھىرى مۇھەممەد دەمىر رۇسىيە ماھىرىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
تۈركىيىدىن 7 تۈر بويىچە 16 ماھىر قاتناشقان ۋە ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھارپىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دەپ قارالغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 55 كىلو ئېغىرلىق بويىچە مەيدانغا چۈشىدىغان ئىبراھىم يورۇلماز ۋە سەزەر ئاقگۈل تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالدى. كۈندۈز ئۆزكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئىبرراھىم يورۇلماز سەزەر ئاقگۈلنى يېڭىپ 2 – مەيدان مۇسابىقىگە ئۆتتى. 2 – مەيدان مۇسابىقىدە بېلورۇسىيە ماھىرىگە يېڭىلىپ قالغان ئىبراھىم يورۇلماز مۇسابىقىدىن ئايرىلدى.
60 كىلو ئېغىرلىق بويىچە مەيدانغا چۈشكەن ماھىرىمىز مۇھەممەد دەمىر 1 – مەيدان ئېلىشىشتا فىنلاندىيىلىك رەقىبىنى يەڭدى، 2 – مەيدان ئېلىشىشتا ھىندىستانلىق رەقىبىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىمۇ رۇسىيە ماھىرىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.