«كېپلېر» ناملىق ئالەم كېمىسى فلورىدا شىتاتىدىن قويۇپ بېرىلدى
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا يەنە دۇنياغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سەييارىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان «كېپلېر» ناملىق ئالەم كېمىسى فلورىدا شىتاتىدىن قويۇپ بېرىلدى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن بىر توننا كېلىدىغان «كېپلېر» ناملىق ئالەم كېمىسى قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئوربىتىغا ئورۇنلىشىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى «جوھاننېس كېپلېر» نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ ئالەم كېمىسى، دۇنياغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سەييارىنىڭ تېپىلىشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم پىلان – لايىھىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.
3 يېرىم يىل ئىچىدە قۇياش سىستېمىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان 100 مىڭدىن كۆپرەك يۇلتۇز ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان «كېپلېر» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ، يۇلتۇزلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزاق، يەر شارى سىستېمىسى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قانچە يۈزلىگەن سەييارىنى تېپىپ چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى «كېپلېر» ناملىق ئالەم كېمىسىگە، ھازىرغىچە ئالەم قاتنىشىدا ئىشلىتىلگەن ئەڭ ئىلغار كامېرا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.