گلائوكوما (كۆز ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىش كېسىلى) غا ئۆمۈرۋايەت دىققەت قىلىش كېرەك
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: گلائوكوما (كۆز ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىش كېسىلى) غا ئۆمۈرۋايەت دىققەت قىلىش كېرەك
خەلق ئارىسىدا «كۆز ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىش كېسىللىكى» دەپ بىلىنىدىغان گلائوكوما، دەسلەپتە پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا – ئاستا تەرەققى قىلىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر.
گلائوكوما، كۆزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇيۇقلۇق بېسىمى كۆرۈش ئىقتىدارىغا كېرەكلىك بولغان كۆرۈش نېرۋىسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك. بىراق، ناھايىتى ئاستا تەرەققى قىلغانلىقتىن بىمارلارنى ئانچە بىئارام قىلمايدىغان بۇ خىل كېسەللىك، كۆرۈلگەن ھامان بىرئاز تاسادىپىيلىقتەك تۇيۇلىدۇ.
ئەنقەرە شەھەرلىك نۇمۇنە ئىلمىي – تەتقىقات دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت ئۆزلەم ئەۋرەن، گلائوكومادا ئەڭ چوڭ خەۋپلىك ئامىلنىڭ ئىنسانلارنىڭ ياش قۇرامىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىنسان 40 ياشتىن ھالقىغان ھامان كۆز ئىچكى بېسىمى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشكە باشلايدۇ. 65 ياشقا كىرگەندە 6 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم».
ئۇ يەنە، گلائوكوما كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دەل ۋاقتىدا داۋالىنىش ۋە دائىم كۆزنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گلائوكوما كېسەللىكىنىڭ، دىئابىت، كۆز تورلىشىش، كورتىزون قاتارلىق كېسىللىكلەرگە ھەمدە بۇرۇن كۆز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
دوتسېنت ئۆزلەم ئەۋرەن، «گلائوكوما كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار دەسلەپتە پەرق ئېتەلمىگەنلىكتىن ئۆزلىرىنى تەكشۈرتۈشكە سەل قارايدۇ، كېيىنچە كېسەللىك تەرەققى قىلىپ كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، بىز دوختۇرلارمۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چارىسىز قالىمىز» دېدى ۋە دائىم كۆزنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.