بىز ياشاۋاتقان دۇنيا
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيە، 2005- يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە كىلمات ئۆزگىرىشىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، كاربون 4 ئوكسىد ۋە پارنىك گازىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىيوتو كېلىشىمنامىسىگە قول قويغانىدى. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، تۈركىيە بۇ كېلىشىمنامىگە قول قويغاندىن كېيىن كېلىشىمنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن، كېلىشىمنامىنىڭ ئەمىلىلىيىىشىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.
كىيوتو كېلىشىمنامىسىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، 39 دۆلەت بىلەنلا چەكلەنگەن، يەنى دۇنيادا پەقەت 39 دۆلەت ئاتموسفېراغا پارنىك گازى قويۇپ بىرىدۇ. بۇلار تەرەققى تاپقان ياكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر. ئۇنداقتا، بۇ 39 دۆلەتنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمنامىگە قول قويمامدۇ ؟ ئەسلىدە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ئاسىراش خىتابنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇشتا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن.
سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر، 1990- يىلىدىكى پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى 2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە 5 پىرسەنت ئەتىراپىدا ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. شۇڭا، كېلىشىمنامىگە قول قويغان ھەر قانداق بىر دۆلەت، نىشانىغا يېتىشكە ۋەدە بېرىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى 8 پىرسەنت، ياپونىيە 5 پىرسەنت ئەتىراپىدا ئازايتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇنىڭدىن باشقا، كېلىشىمنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۆۋەن مىقداردا پارنىك گازى قويۇپ بېرىدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، باشقا دۆلەتلەر كېلىشىمنامىگە قول قويغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا كۈچەپ كەلمەكتە. مەزكۇر دۆلەتلەر پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى تەرەققىي قىلغان سەۋىيىنى ئاساس قىلغان ھالدا قانۇنىي جەھەتتىن كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۆتكەن ھەپتىكى پروگراممىمىزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە سېتىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
ئۇنداقتا، تۈركىيىمۇ قول قويغان كىيوتو كېلىشىمنامسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نېمە؟ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، كىيوتو كېلىشمنامىسى، پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر كېلشىمنامىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ، ئاتموسفېرانى بۇلغايدىغان پارنىك گازلىرىنىڭ مىقدارىنى كىلىماتقا خەۋپ كەلتۈرمەيدىغان نىسبەتتە تەڭپۇڭ ھالەتتە تەڭشەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھاجەتكى، سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر بىلەن بازار ئىقتىسادىغا ئۆتۈش باسقۇچىدىكى دۆلەتلەر، ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىدىغان پارنىك گازىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشنى قوبۇل قىلىدۇ.
تۈركىيە گەرچە مەزكۇر كېلىشىمنامىگە ئالدىنقى قاتاردا قول قويمىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالمىسىمۇ، ئەمما بۇ ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. تۈركىيە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە 2012- يىلىغىچە زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە ياكى مەسئۇلىيەتنىڭ بولماسلىقى، تۈركىيىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقى بولۇشتىن سىرت يەنە مەسئۇلىيەتلىرىمۇ بولىدۇ. كىيوتو كېلىشىمنامسىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا، ئۆز ئالدىغا ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن پارنىك گازى مىقدارىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ 25 پىرسەنتىدىن جاۋابكار دۆلەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بار. ئا.ق.ش كېلىشىمنامىگە قول قويۇشنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان بولسا، ھىرۋاتىستان (كرودىيە)، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر كېلىشىمنامىگە قول قويغان بولسىمۇ، كېلىشىمنامە ھازىرچە ئىجرا قىلىنماستىن توختىتىلىپ قويۇلماقتا. ئامېرىكا كىيوتو كېشلىشىمنامىسىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان تۇرۇقلۇق، مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان پاكىزە ئېنېرگىيە تېخنىكلىرى ۋە كىلمات تەتىقاتلىرىدا، زور مىقداردا مەبلەغ سالدى ۋە سېلىۋاتىدۇ.
تۈركىيە كىيوتو كېلىشىمنامىسىگە قول قويغانلىقى ئۈچۈن زور مىقداردا مەبلەغ سالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈركىيە 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق بىر لايىھىگە تۇتۇش قىلدى. كېلىشىمنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان ساھەدىكى شىركەتلەرگە، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانى بېكىتىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ دائىرىدە، شىركەتلەر ئېنېرگىيىنى تېجەشلىك ھالدا ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
كەلگۈسىدە، تۈركىيە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيە، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى لايىھىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا. ئېنېرگىيە، ماشىنىسازلىق، ترانسپورت، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق ساھەلەردە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىنىدۇ. كېلىشىمنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن گەرچە تۈركىيىنىڭ ، 2012- يىلىغىچە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش جەھەتتە ھەر قانداق بىر مەسئۇلىيىتى بولمىسىمۇ، بۇ قېتىم كېلىشىمنامىگە قول قويغانلىقتىن مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. شۇڭا، تۈركىيە 2013- يىلىغىچە، كېلىشىمنامە دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. يەنە ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىدۇ. دۆلەتلىك پىلان - لايىھە تەشكىلاتى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى تۈركىيىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە ئاساسەن بەلگىلەپ چىققان. تۈركىيىگە بۇ ساھەدە ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن زور مىقداردا چىقىم بولىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن بۇ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇشۇنداق چىقىم قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىش، دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. چۈنكى، بىزگە يەنى ئىنسانلارغا تەۋە بىرلا پلانېت بار. 2012- يىلىدىن كېيىن، كىلمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇزاكىرىلىرىدە تۈركىيىنىڭ ئورنى باشقىچە يۈكسىلىشى مۇمكىن. 2012- يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدىغان يېڭى بىر خەلقئارالىق كىلمات كېلىشىمنامىسى، بۇ يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا كوپېنھاگىندا چاقىرىلىدىغان يىغىندا ئىمزالىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نامزات ئەزا بولۇشنى نىشان قىلغان دۆلەتلەر، كىيوتو كېلىشىمنامسىگە قول قويۇشى ۋە بۇ ساھەدە ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشى تۇرغانلا گەپ.
تۈركىيە، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدا بەرپا قىلىنغان مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان پاكىزە پەن - تېخنىكا يارىتىشقا ئاجرىتىلغان 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي مەنبەدىن پايدىلىنىشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتكەن. دۆلەتلىك خەزىنە ئىدارىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان پاكىزە پەن - تېخنىكا فونى مەبلەغ پىلانى، 29- ۋە 30- يانۋاردا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا چاقىرىلغان فون كومىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان فون مەنبەسىدىن تۇنجى باسقۇچتا 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جەمئىي 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا پۇل ئاجرىتىلىش مۆلچەرلەنمەكتە. ئاجرىتىلماقچى بولغان بۇ ئىقتىسادىي ياردەمگە قوشۇمچە بولۇپ، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل- مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتى ۋە ياۋروپا تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق مۇئەسسەسەلەردىن ئېلىنىدىغان كرېدىتلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىگە 3.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنىشى پىلانلىماقتا.