خەلقئارا خانىم قىزلار بايرىمى كۈنى
2009-03-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 1997 - يىلى ئېلان قىلىنغان 8 - مارت خەلقئارا خانىم قىزلار بايرىمى كۈنىنىڭ ئۆتمۈشى ناھايىتى ئۇزۇن.
خانىم قىزلارنىڭ ئەرلەر بىلەن ھوقۇقتا باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى كۈرەش، 1857 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە باشلانغانىدى. كىيىم - كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدا ئىشلەيدىغان 40 مىڭ ئىشچىنىڭ ئىنتايىن ناچار خىزمەت مۇھىتى ھەم تۆۋەن مائاشلىق ئىشلەمچىلىك تۈزۈمىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىش تاشلاش نامايىشى، ساقچىلارنىڭ قانلىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە تراگېدىيىلىك ھالدا ئاخىرلاشقان. ساقچىلار قورشاپ ھۇجۇم قىلغان مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كۆپ ساندىكى ئاياللار بىلەن قوشقاندا جەمئى 129 كىشى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. 1910 - يىلى دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ خانىم - قىزلار يىغىنىدا، گېرمانىيە سوتسىيالىست دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن كلارا زېتكىن، شۇ ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن 129 ئايال ئىشچىنىڭ نامايىش كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇشۇ كۈننى يەنى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىنى خەلقئارا خانىم قىزلار بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. 1977- يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 8- مارتنى خەلقئارا خانىم قىزلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىشنى ماقۇللايدۇ ۋە 1975- يىلدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ جاكارلايدۇ.
شۇنداق قىلىپ، 8 - مارت كۈنى، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا خانىم - قىزلارنىڭ قانچە يۈز يىل مابەينىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى قۇتلۇقلىنىدىغان ۋە خانىم - قىزلارنىڭ ئىستەك ھەم ئارزۇ - ئارمانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئالاھىدە كۈنگە ئايلانغان.
خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى كۈنى، ھازىرقى كۈندە خانىم - قىزلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈندۇر.
«خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى كۈنى» پۈتكۈل دۇنيادىكى خانىم - قىزلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش كۈنىدۇر.
«خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى كۈنى» خانىم - قىزلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنىڭ قاچان ھەم قەيەردە باشلانغانلىقى، ھازىرغىچە قايسى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر كۈندۇر.
كۆپلىگەن تەرەققى تاپقان ئەللەردە خانىم - قىزلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرى تەرەققى قىلىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، تۈركىيىدە ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەردە خانىم - قىزلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ تەرەققىياتى تولىمۇ ئەپسۇسكى تەلەپتىن ئىنتايىن يىراق.
بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى؛ جەمئىيەتنىڭ 50 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان خانىم - قىزلار، قارار چىقىرىش ئورگانلىرىدا ھەم ئۆزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ 50 پىرسەنتلىك ۋەكىللىك قىلىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالىغاندىلا ئاندىن نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلالايدۇ.
تۈركىيە پارلامېنتىدا خانىم - قىزلارنىڭ ۋەكىللىك قىلىش نىسبىتىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ناھايىتى ئەپسۇسكى، 1930 - يىللارغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر تولىمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، تۈركىيىدە خانىم - قىزلارنىڭ ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلارغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى %24، سىياسىي پارتىيىلەرگە ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى 13%، خەلق ئۇيۇشمىلىرىغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى %6 ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ نىسبەتلەر، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ۋىلايەتلەردە خانىم - قىزلارنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش نىسبىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، خانىم - قىزلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىدىن ئىبارەت ئاساسلىق مەسىلىلەردە ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش.
خانىم - قىزلارنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مائارىپ ۋە تەلىم - تەربىيىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەم سىياسىي پارتىيىلەر ھەمدە ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ئىزچىل تەشۋىق قىلماقتا. بىراق، تۈركىيىدە خانىم - قىزلارنىڭ ئوقۇشقا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى چەكلىك.