ئىسرائىلىيىلىك رېژىسسور نەزىرىدىكى غەززە
2009-03-09
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ‹ئالتۇن گلوبۇس› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسرائىلىيىلىك رېژىسسور يونى گۇدمان، ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە قاراتقان مۇھاسىرىسى ۋە غەززە خەلقى دۈچ كەلگەن تراگېدىيىنى تېما قىلغان بىر كارتون فىلىمى ئىشلەپ چىقتى.
«بەشىر بىلەن ۋالىس» ناملىق فىلىمى بىلەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىسرائىلىيىلىك كارتون فىلىم رېژىسسورى يونى گۇدمان، ئاخىرقى فىلىمىدە، بىر يېرىم مىليون پەلەستىنلىكنىڭ سىرتقى دۇنيانى كۆرۈشتىن مەھرۇم ھالدا، ياشاۋاتقان تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئىنتايىن جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەن. مەزكۇر فىلىم ئىسرائىلىيىدە كۆرسىتىلىشكە باشلىدى.
«يېپىق رايون» ناملىق بىر يېرىم مىنۇتلۇق فىلىمدە، غەززەدىن سىرتقا چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر قەھرىماننىڭ كۈرەشلىرى ۋە دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ.