يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن چارە – تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2009-03-15
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپقان 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا بىر يەرگە جەم بولۇپ، پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى ۋە بۇنىڭغا قارشى قوللىنىلىدىغان چارە – تەدبىرلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
تۈركىيىگە ۋەكالىتەن دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك بىلەن مەركەز بانكىسى باشلىقى دۇرمۇش يىلماز ئىشتىراك قىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، قىيىنچىلىقى ئېغىر دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە قۇرۇلۇشلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىش، ھەمدە بانكىلارنى قاتتىق كونترول قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئاخىرقى خىتابنامىدە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سەرمايىلىرىنىڭ