چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ: ئۇيغۇرلار
2009-03-10
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر قىزى ئەسرا ساكانىڭ «چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ: ئۇيغۇرلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى بۈگۈن باشلىنىدۇ.
تۈركىيە دۆلەتلىك لاتارىيە ئىدارىسى ئامەت قۇشى سەنئەت ئالبومى كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ: ئۇيغۇرلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 18:00 دە رەسمىي ئېچىلىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، 10- مارتتىن 21 - مارتقىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىر قىسىم مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان تۈركىيىلىكلەر ۋە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلىدىكەن.
مۇراسىمىغا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئەسرا ساكا 1958-يىلى، ئۇيغۇر ئىلىدىن تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. رەسىمچىلىك سەنئىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ھەر خىل گېزىت - ژۇرناللاردا تۈرلۈك ژانىرلار بويىچە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەسرا خانىم، رەسىمچىلىك سەنئىتىنى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كەشىپ قىلىشى، دەپ تەرىپلەيدۇ.