"ئىنتېرنېت دۈشمەنلىرى" تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
2009-03-12
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ھېمايە قىلىدىغان مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە سەئۇدى ئەرەبىستانى، ميانمار، جۇڭگو، شىمالىي كورىيە، كۇبا، مىسىر، ئىران، ئۆزبېكىستان، سۈرىيە، تۇنىس، تۈركمەنىستان ۋە ۋېتنام قاتارلىق ئەللەر بار ئىكەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تىزىملىكتىكى مەزكۇر دۆلەتلەردە يالغۇز دۆلەت تەرىپىدىن رۇخسەت بېرىلگەن تور بەتلەرنىلا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقى، «كۆڭۈلگە ياقمايدىغان» ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقى، ھەمدە بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىگە سىستېمىلىق ھالدا بېسىم ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا يەنە، ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە يازغان نەرسىلىرى تۈپەيلى جۇڭگودا 49، ۋيېتنامدا 7 ۋە ئىراندا 4 كىشى قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.